بىز كىم؟
تەۋەررۇك قۇرۇلۇش شىركىتى — ئوتتاۋا، گاتىنو ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى، رېمونت ۋە بېزەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسپىي قۇرۇلۇش شىركىتى.
شىركىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرى پولات تۇرسۇن بىنا قۇرۇلۇش لايىھەلەش كەسپىدە 12 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە. ئۇنىڭ لايىھەلەش بىلىمى، قۇرۇلۇش تەجرىبىسى ۋە كانادادىكى ئەمەلىي خىزمەتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، تەۋەررۇك قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس بولدى. بۈگۈنكى كۈندە شىركىتىمىز تەجرىبىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن كىچىك رېمونتتىن تارتىپ چوڭ كۆلەمدىكى ئۆي ئىچى ۋە سىرتى لايىھەلىرىگىچە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
يىللىق بىناكارلىق لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش تەجرىبىسى
Ontario رەسمىي تىزىملانغان، HST، WSIB ۋە سودا سۇغۇرتىسىغا ئىگە
تاماملانغان تۈرلەر ۋە رازى بولغان خېرىدارلار
غايىمىز
بىزنىڭ مەقسىتىمىز پەقەت بىر قۇرۇلۇش خىزمىتىنى تاماملاشلا ئەمەس، بەلكى خېرىدارلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشەنچ مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ھەر بىر ئۆينى تېخىمۇ چىرايلىق، بىخەتەر ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشتۇر.
تەۋەررۇك قۇرۇلۇش شىركىتى ئونتارىيودا رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، HST، WSIB ۋە سودا سۇغۇرتىسىغا ئىگە. بىز ھەر بىر ئىشنى سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەت ۋە كەسپىي ئۆلچەم بويىچە ئورۇنداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز.
نادىر لايىھەلەر
لايىھە ۋە كۆرۈنۈشلەر


كېيىنكى قۇرۇلۇش تۈرىڭىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئارزۇيىڭىزدىكى ماكاننى قۇرۇپ چىقىش سەپىرىنى ھازىرلا باشلاڭ.
قىسقىچە ئۇچۇر قالدۇرۇڭ — قالغىنىنى بىز بىرلىكتە كۆرۈپ چىقىمىز.